Uyghur←Chinese主要词典
كۆرسەتكۈچ ئۆسۈملۈك
بىئولوگىيە
指示植物
zhǐshìzhíwù
بەلگىلىك رايون دائىرىسى ئىچىدە مۇھىت ياكى باشقا مەلۇم بىر ئامىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر. ئۇنىڭ ئايرىم تۈرلىرى كۆرسەتكۈچ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رولىنى ئوينىيالايدۇ، بىر ئۆسۈملۈك تۈركۈمى كۆرسەتكەن ئۆسۈش مۇھىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگۈچى تۈر تۈركۈمى ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، كۆرسەتكۈچ ئۆسۈملۈكلەر يەنە تۈركۈمنىڭ تەرەققىيات ھالىتىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆرسەتكۈچ ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ياكى نەزەرىيە جەھەتتە بولسۇن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.