Uyghur主要词典
كۆرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىگە كۆز نۇرى ئۇچراشماق.
كۆز كۆرىدۇ، ئەقىل تونۇيدۇ. تۈگمىنى كۆرۈپ، تۆگىنى كۆرمەپتۇ. كۆرگىنىڭدىن كۆپتۈر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرسەن ئۆلمىگىنىڭ. كۆز چۈشكەن ھېساب ئەمەس، كۆڭۈل كۆزى كۆرگەن ھېساب.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆرۈش قابىلىيىتى بىلەن كىشى ھەم نەرسىلەرنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە قانداقلىقىنى پەرقلەندۈرمەك؛ كۆز ۋاسىتىسى بىلەن پەرق قىلماق، بىلمەك.
تۈگمىنى كۆرۈپ، تۆگىنى كۆرمەپتۇ (ماقال).
كۆز يۈگۈرتمەك، ئوقۇماق.
گېزىت كۆرمەك. كىتاب كۆرمەك.
قارىماق، تەكشۈرمەك.
ئۇ ھارۋىنىڭ جابدۇقلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى.
دۇچ كەلمەك، يولۇقماق، ئۇچرىماق.
يولدا بىز نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى كۆردۇق.
باشتىن كەچۈرمەك، ئۆتكۈزمەك.
كۆرگىنىم كۆپ، يېگىنىم چۆپ (ماقال).
... دەپ بىلمەك، ... دەپ ھېسابلىماق.
ۋەزىر دەللالنىڭ پىكىرىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، قىزنى ئۆزىنىڭ سارىيىغا ئېلىپ كىرىپتۇ.
تاپماق، ئېرىشمەك، سازاۋەر بولماق.
ھۆرمەت قىلساڭ، ھۆرمەت كۆرىسەن (ماقال).
يۈز بەرگەن ۋەقەگە باشقا كىشى ياكى نەرسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتمەك.
ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرىدۇ، چىچالمىغان پوقىدىن كۆرىدۇ (ماقال).
ئۇچراتماق، ئارىلاشماق، چۈشەنمەك.
بىز ئۇنداقلارنى جىق كۆرگەن.
قارىماق؛ ئۇقماق؛ ئويلىماق.
باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس، ئالدى - ئارقاڭنى كۆرۈپ باس (ماقال).
قىلماق، ئىشلىمەك.
بىز كونا 8 - ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن بولىدىغان بولدۇق! ئىلدام تەييارلىق كۆرۈپ ماڭايلى!
كۆچمە. تاپماق، ئىگە بولماق؛ تۇغماق.
ئۇ ياسىنئاخۇندىن ئۈچ پەرزەنت كۆردى.
كۆچمە. ئىشلەتمەك؛ پايدىلانماق.
ھالىمىزغا يارىشا بارىنى تەڭ كۆرەرمىز.
بىرەر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭغا دىققەت ئېتىبارىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
بۇ قوينىڭ سېمىزلىكىنى كۆر.
رەۋىشداشلار بىلەن كېلىپ، سىناش، بىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئىش - ھەرىكەتنى بىلدۈرىدۇ.
يەپ كۆرمەك. مەسلىھەتلىشىپ كۆرمەك.
ئايرىم سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ شۇ سۆزلەرنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
يامان كۆرمەڭ. ياخشى كۆرمەڭ.