Uyghur主要词典
كۆر
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كۆرمەك، كۆرۈش. 1 . نەزىرى چۈشمەك، كۆزى چۈشمەك.
كىنو كۆرمەك، تىياتىر كۆرمەك. * كۆرگۈلۈكنى كۆرمەك. * كۆپتۈر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرۈسەن ئۆلمىگىنىڭ. * كۆز كۆرسە، كۆڭۈل سۆيىدۇ. (ماقال) .
2 . بالا - نەۋرە، كېلىنگە ئېرىشمەك. ئۇ ئۆمرىدە بەش بالا كۆرۈپتۇ. * نەۋرە كۆردۈڭمۇ ؟ * يېقىندا كېلىن كۆرۈپسەن، مۇبارەك بولسۇن.
3 . ھېسابلىماق؛ سانىماق، بىلمەك. ئۇ سېنى ئۆز بالىسىدەك كۆرىدۇ. * بۇ مەسىلىنى لايىق كۆردۈم. * مەن ئۇنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىمەن. * بارنى تەڭ كۆرمەك كېرەك. * مەن ھاردۇققا چىقىشنى ئەۋزەل كۆردۈم. * ئۇ بۇنى قىممەت كۆردى.
4 . زامىن بولدى دەپ بىلمەك. ئۇ ئۆزى ئىشنى بۇزۇپ قويۇپ، مەندىن كۆرۈۋاتىدۇ. * ئەخمەد قەلىمىنى يوقىتىپ قويۇپ مەندىن كۆرۇۋاتىدۇ. * ئىشىڭ ئاقمىغان بولسا، ئۆز بەختىڭدىن كۆر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
كۆرمەك، كۆرۈش. «باقماق» ياردەمچى پېئىلىگە ئوخشاش.
ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چىنە ئالساڭ چېكىپ كۆر (ماقال).