Uyghur←Chinese主要词典
كۆپ ئېففېكتلىك
بىئولوگىيە
多效性
duōxiàoxìng
بىر گېننىڭ بىر قانچە خىل ئالامەت ئېففېكتىگە ئىگە بولۇش ھادىسىسى. گېن بىلەن ئالامەت كۆپىنچە بىرگە بىردىن دېگەندەك ئاددىي مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ. چۈنكى جانلىق ئورگانىزم مۇكەممەل بىر ئىندىۋىد بولىدۇ، بىر گېن دائىم بىر بىئوخىمىيىلىك جەريانغا تەسىر قىلسىمۇ، لېكىن ھەر قانداق بىئوخىمىيىلىك جەريان، باشقا جەريانلار بىلەن باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن باشقا جەريانلارمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ماس ھالدىكى ئالامەتلەرمۇ ئۆزگىرىدۇ، شۇڭا گېننىڭ كۆپ ئۈنۈمدارلىقى كەڭ كۆلەملىك بولىدۇ. مەسىلەن، مېۋە چىۋىننىڭ ئۈچ بۇرجەك قانات تومۇر گېنى (DL) نىڭ ئاساسلىق ئېففېكتى شۇكى، قانىتىدىكى ئۇزۇنىغا داۋاملاشقان تومۇرى بىلەن گىرۋەك تومۇرىنىڭ تۇتاشقان ئورنى يوغىناپ ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كۆزى كىچىك ھەمدە سەل - پەل يىرىك قاتارلىق ئېففېكتىمۇ بولىدۇ. يەنى مەسىلەن، مېۋە چىۋىننىڭ ئاق كۆز گېنى (W) نىڭ كۆزنى ئاق قىلىشتىن باشقا كۆزى كىچىك، مالپىگى نەيچىسى ۋە ئۇرۇقدىنى قاتارلىقلار رەڭسىز بولۇشتەك ئېففېكتىمۇ بولىدۇ.