Uyghur←Chinese主要词典
كۆپۈكى دەريا
بىئولوگىيە
海螵蛸
hǎipiāoxiāo
مولليۇسكلار تىپى، باش پۇتلۇقلار سىنىپىدىكى كاراكاتسىيىنىڭ سىرتقى غىلاپ پەردىسى ئىچىدىكى قېيىقسىمان سۆڭەك پلاستىنكىسى بولۇپ، ئادەتتە <سىياھبېلىق سۆڭىكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىرتقى غىلاپ پەردىسىگە ئورىلىپ تۇرغان، رۇدىمېنتلاشقان قاپچۇق. رەڭگى ئاق، سىرتى سەل پارقىراق مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت، ئىچى كالتسىي ماددىلىق نېپىز پلاستىنكىسىمان تۈزۈلۈشتىن ئىبارەت. نېپىز پلاستىنكىلار ئارىلىقىدىكى بوشلۇقتا ھاۋا بولغانلىقتىن ماسسىسى بوش ھەم يېنىك، چىش پاراشوكى ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ؛ دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ، جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە قان توختىتىش، نەملىكنى قايتۇرۇش، ئاق خۇن توختىتىش دورىسى قىلىنىدۇ. تەبىئىتى سەل مۆتىدىل، تەمى تۇزلۇق، قان قۇسۇش، خۇن كېتىش، ئاق خۇن كېلىش، سىرتتىن زەخىملىنىپ قاناش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ. ھازىر ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلمەكتە.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي
海螵蛸
hǎi piāo xiāo