Uyghur主要词典
كۆپىيىش
بىئولوگىيە
جانلىقلارنىڭ يېتىلىپ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئەۋلاد قالدۇرۇش ھادىسىسى. يەنى جانلىقلارنىڭ كۆپىيىپ ئۆزىگە ئوخشىشىدىغان ئەۋلاد يەككە تەنلىكلىرىنى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىيىش جانلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا جانلىقلارنىڭ تۈرىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى زۆرۈر ۋاستە. بىر دانە ئاميوبا ۋە ئېۋگلېنا بۆلۈنۈش ئارقىلىق ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى بالا ئاميوبا ۋە بالا ئېۋكېلېناغا ئايلىنىدۇ؛ چىشى مۈشۈك ئەركەك مۈشۈك بىلەن جۈپلەشكەندىن كېيىن ھامىلدار بولۇپ، ئاسلان تۇغىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىل كۆپىيىش جەريانى بولمىسا، ئاميوبا، ئېۋگلېنا، مۈشۈك ۋە باشقا بارلىق جانلىقلار ئۆ تۈرىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. دېمەك جانلىقلارنىڭ كۆپىيىشى جىنىسسىز كۆپىيىش ۋە جىنىسلىق كۆپىيىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.