Uyghur←Chinese主要词典
كۆپ فۇنكىسىيىلىك ئېنزىم
بىئولوگىيە
多功能酶
duōgōngnéngméi
ئىككى خىل ياكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق رېئاكسىيىسىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان ئېنزىم بولۇپ، بۇ خىل ئېنزىم مەلۇم خىل شارائىتتا مەلۇم خىل رېئاكسىيىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ، ئەمما باشقا رېئاكسىيىلەرگە كاتالىزاتورلۇق قىلىش ئاكتىپلىقى تورمۇزلىنىدۇ. شۇڭا كۆپ فۇنكىسىيىلىك ئېنزىم ھۈجەيرە مېتابولىزمىدا بىر خىل تەڭشىگۈچى ئېنزىممۇ بولىدۇ. ترىپتوفاننىڭ ئىندۇكسىيىلىشىدىن ھاسىل بولغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە ترىپتوفان ئېنزىمى بەش خىلدىن ئارتۇق قوشۇمچە فۇنكىسىيىگە ئىگە ئېنزىم، نورمال ئەھۋالدا ئۇ ترىپتوفاننىڭ گىدرولىزلىىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىشتىن باشقا يەنە ئىدول ۋە پىرۇۋىك كىسلاتاسى ھەمدە ئاممىياك ھاسى قىلىشىدىن تاشقىرى بەزى سىستېئىن، سېرىنلارنىڭ ئامىن رادىكالىنى ئاجرىتىش رېئاكسىيىسىگىمۇ كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ. ئىندول بىلەن سېرىن، سىستېئىنلاردىن ترىپتوفاننىڭ سىنتېزلىنىشىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ، ئەمما سېرىن،سىستئىنلارنىڭ گىدرولىزلىنىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىش ئاكتىپلىقى تورمۇزلىنىدۇ.