Uyghur主要词典
كۆڭلى يېرىم
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆڭلى بۇزۇلغان، كەيپى بۇزۇلغان، غەم - قايغۇ باسقان كەيپىيات.
خۇش، خۇشال، خۇرسەن، شاد، شادىمان، خۇشال - خورام
كۆڭلى ئېچىلغان، كەيپى جايىدا، غەم - قايغۇدىن خالى كەيپىيات.
قاغىلار <قاق> ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. خۇشال چاغدا ئازابنى ئۇنتۇمىغان كىشى - ئاقىل كىشى. خاپا قىلساڭ دوستۇڭنى، خۇش قىلارسەن دۈشمىنىڭنى. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولسا خۇرسەن، ئۇنىڭدىن چوڭنى كۆرىسەن. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمىگىن ئادەمزات. شادىمان بولسا يۈرىكىمىز، تالسىمۇ مەيلى بىلىكىمىز. خۇشال - خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئاقىلغا پەس ئادەم كۆرسەتسە جاپا، كۆپ ئەلەم چەكمىسۇن، بولمىسۇن خاپا. غەم تېغىنى دوست ئارتسا، ئاڭا رەنج يوق. مالال بولما، مالامەت تارتما. مەيۈس بولساڭ، بوزەك بولىسەن. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم، تولۇق ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۈمىدسىزلىكتىن، كۆڭۈلسىزلىكتىن، چۈشكۈن ھالغا چۈشۈش.
ئۇ قىز كۆل بويىدا مەيۈس ئولتۇراتتسى. خامۇش يىگىت نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. قۇرغۇيۇم ئۇچتى قولۇمدىن قايدا مېھماندۇر بۈگۈن، دەخلى بەرمەڭلار يارىمغا، كۆڭلى پەرىشاندۇر بۈگۈن. سەندىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم يېرىم بولدى.