Uyghur←Chinese主要词典
كۆك پارتىيە
دۇنيا تارىخى
蓝党
lán dǎng
مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە گىملاردىن ئۇيۇشقان پارتىيە. ئۇ ۋە يېشىل پارتىيىدىن باشقا، ئانچە مۇھىم بولمىغان قىزىل پارتىيە، ئاق پارتىيە قاتارلىقلارمۇ بولغان. بۇ پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى چوڭ فېئوداللار ۋە سېنات ئاقسۆڭەكلىرىدىن تەركىپ تېپىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ۋە پراۋوسلاۋ دىنىنى قوللىغان؛ تۆۋەنكى قاتلىمى ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسىدىن تەركىپ تاپقان. بۇ پارتىيە بىلەن يېشىل پارتىيىنىڭ تۆۋەنكى قاتلىمى ئوتتۇرىسىدا پايدا - زىيان توقۇنۇشى يوق بولۇپ، سىنىپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن چاغدا ئۆز ئارا بىرلىشىپ ئىمپېرىيە دائىرىلىگە ئورتاق قارشى تۇرغان. <نىكاھ قوزغىلىڭى> غا قاراڭ.