Uyghur主要词典
كۆيمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يانماق، ئۆرتەنمەك، كۆيمەك؛ كۈل بولماق:
ئازاپلانماق، ئىزتىزاب چەكمەك:
1. گەر مۇيەسسەر بولماسە ۋەسلى تەلەب ئوتىدا كۆي،
ئىشىق تىللاسىنى ئالماق ئېرسە مېھنەتدۇر. مەھەك.
گۇھنام.
2. كۆمەسەم جانىم كۆيەدۇر بارغالى يوق تاقەتىم،
يەتكەلى دىيدارىڭ ھېچ يوقتۇر بۇ ئىمكانىم مېنىڭ.
رىزائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېقىلغۇ ئوت ئالماق؛ نەرسە ئوتتا يوقالماق.
گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن. ئىككى كىشى ئارىسىغا ئوت ياقسا كىمكى، ئوتتۇرىدا شۇ ناداننىڭ كۆيىدۇ ئۆزى. پىشماسنىڭ ئوتى يانماس. ئۆلگەن كەلمەس، ئۆچكەن يانماس. ئوتنىڭ تېشىدا ئۆرتەنگۈچە، ئىچىدە كۆي.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ماددا جىددىي ئوكسىدلىنىپ، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بەرمەك.
ئۆچمەك
كۆيۈشتىن توختىماق.
بىر چۇچۇلا باياۋاندا يانار، ئىككى چۇچۇلا ئوچاقتا يانماس. بىچارىنىڭ مېيىمۇ يانمايدۇ، دۆلەتمەننىڭ سۈيىمۇ يانىدۇ. ئۆي ئۆز ئوتىدىن كۆيىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يانماق؛ قۇرۇلماق، كۆيمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوت ئالماق، يانماق.
گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن (ماقال).
ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيەر (ماقال).
ھەددىدىن زىيادە ئىسسىپ كەتمەك.
پاھ، ئەجەپ بىر كۈن بولدىغۇ، ئادەم كۆيۈپ كەتتىغۇ!
قاتتىق قىزىپ ئىشتىن چىقماق، ئېرىپ كەتمەك (ئېلېكتر سايمانلىرى ھەققىدە).
لامپۇچكا كۆيۈپ كەتتى.
كۆچمە. ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرمەك.
كۆيگەن جۇۋانغا ئات - تېزىكى ئاي كۆرۈنەر (ماقال).
كۆچمە. غەمخورلۇق قىلماق، كۆيۈنمەك.
مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا (ماقال).
كۆچمە. زىيانكەشلىككە ئۇچرىماق.
مەن مۇشۇ ئىشتا ناھەق كۆيۈپ كەتتىم.
كۆچمە. زايە كەتمەك، زىيان بولماق.
ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن ئون كوي كۆيۈپ كەتتى.