Uyghur主要词典
كۆگ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ناخشا، كۈي، ساز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر - قوشاق بىلەن كۈي ئاھاڭنىڭ بىرىكمىسى. <ئېيتماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ. كىشىلەر بەلەن ئاۋاز بىلەن ئېيتىدۇ.
<ناخشا> ئومۇمىي نام.
<غەزەل> قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
<شەرق> 30 - يىللاردا ئوقۇغۇچىلار ناخشىسىنى كۆرسىتەتتى.
<مارش> قوشۇن يۈرۈش قىلغاند
يىغلاپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ناخشا ئېيتىپ ئۆلگەن ئەلا. ناخشا ياڭرىغان يەردە ھاياتنى نەس باسماس. يېڭىدىن غەزەل چىقتى، ئېيتالماي جېنىم چىقتى. غەزەلنى باشلىماق تەس. <بىز ئىزچىلار بىز> دېگەن شەرقنى 30 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئېيتاتتى. <پىدائىيلار مارشى> ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ گېمىنى.
ئۆلەن:
ھاي - ھاي ئۆلەن، جان ئۆلەن، ئۆلەن كۆپتۈر، يار - يار.
ئۆلەن ئېيتقان تىلىڭدىن ماڭا ئۆپتۈر، يار - يار.
يار - يار:
تاغدا تايچاق كىشنەيدۇكەن، ئات بولدۇم دەپ يار - يار، ئات بولدۇم دەپ،
ئۆيدە كېلىن يىغلايدۇكەن، يات بولدۇم دەپ، يار - يار، يات بولدۇم دەپ.
لاي - لاي:
چەش دۆۋىلىنىپ تاغ بولدى ئەجرىمىزدىن لاي - لاي -لاي،
تاشتى شادلىق سەل بولۇپ قەلبىمىزدىن لاي - لاي - لاي،...
ئەللەي:
قاراڭغۇدا تۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي،
بۇشۇگۈڭدە بۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي...
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆگ يىلقى _ بېشى بوش قويۇۋېتىلگەن ھايۋان. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
(بۇ شېئىر بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى سۆز «كۈي» مەنىسىدىكى « كۈگ» گە بېرىلىشى لازىم ئىدى. بىز ئورنىنى ئۆزگەرتمىدۇق.)
كۈگلەر قامۇغ تۈزۈلدى
ئىۋرىق ئىزىش تىزىلدى
سەنسىز ئۆزۈم ئۆزەلدى
كەلگىل ئامۇل ئوينالىم
«كۈيلەر تولۇق تۈزۈلدى،
ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى،
سەنسىز ئۈزىكىم ئۈزۈلدى،
كەل، خاتىرجەم ئوينايلى.»
ھەممە ناخشىلار تۈزۈلدى، ئىۋرىق، قەدەھلەر تىزىلدى، كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ، كەل ئەمدى، كۆڭۈلنى تىندۇرۇپ ئوينايلى.
3 - 180
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەينەكنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ. « كۆزڭۈگە كۆگ تۈشدى _ ئەينەكنىڭ يۈزىگە داغ چۈشتى» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 182
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
داغ.
خوتۇنلارنىڭ يۈزىگە چۈشىدىغان داغ. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
3 - 182
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ناخشا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شۆھرەت، نام- ئابرۇي