Uyghur←Chinese主要词典
كۆچمەن قەبىلە
دۇنيا تارىخى
游牧部落
yóu mù bù luò
كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئىپتىدائىي قەبىلىلەر. دەسلەپتە چارۋىچى قەبىلىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن. چارۋىچى قەبىلىلەر ياۋايىلىقىنىڭ تۆۋەنكى باسقۇچىدا، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا ئوتتۇرا ئاسيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق يايلاقلىق رايونلاردا بارلىققا كېلىپ، ئاساسەن قوي، تۇڭگۇز، ئېشەك، كالا قاتارلىق چارۋىلانى بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئاشلىق زىرائەتلىرىنى قوشۇمچە تېرىغان، ئادەتتە بىر جايدا مۇقىم تۇرۇپ، بىرقەدەر ئاز كۆچكەن. ياۋايىلىقنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىغا كەلگەندە، ئات، تۆگە قاتارلىق يۈك توشۇيدىغان ئۇلاغلارنى بېقىش ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە، چارۋىچى قەبىلىلەر مۇقىم تۇرۇشلۇق بولمىغان، پەسىلگە قاراپ ئوت - چۆپ ۋە سۇ بار جايلارغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىدىغان بولغان، شۇنىڭ بىلەن كۆچمەن قەبىلىگە ئايلىنىپ، قالمىش دېھقانچىلىق قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان. كېيىن بەزى كۆچمەن قەبىلىلەر كۆچۈپ يۈرۈش جەريانىدا، تەدرىجىي ھالدا دەريا جىلغىسىدىكى يايلاقلاردا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۆزگەرگەن ياكى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغا؛ بەزى قەبىلىلەر مۇۋاپىق جاي (تەبىئىي يايلاق ۋە سۇ مەنبەسى بولغان) ئىزدەپ، ئۇزاق مۇددەت كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھەتتا يىراق يات ئەللەرگىمۇ كۆچۈپ بارغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا شارائىتلار (ئۇرۇش قاتارلىقلار) قوشۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مىللەتنىڭ كۆچۈش دولقۇنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە شىمالىي ئافرىقا، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئوتتۇرا ئاسيا قاتارلىق جايلاردىن ئارقا - ئارقىدىن كۆچۈپ چىققان. كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆچۈپ يۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، قەدىمكى دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ياۋايىلىق دەۋرىدىكى باشقا قەبىلىلەردىن ئايرىلىپ چىقىشى، بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قەبىلىلەر ئارا دائىملىق ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە سىنىپلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تارىخ
游牧部落
yóu mù bù luò