Uyghur←Chinese主要词典
كودا روخان
دۇنيا تارىخى
幸田露伴
xìng tián lù bàn
(1867 - 1947) ياپونىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ، نەسرى ئەسەرلەرنى يازغۇچى. ئەدەبىيات دوكتورى. ئەسلى ئىسمى نارىيۇكى، ئادەتتە تېتسۇيوئو دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <ۋونيۇئەن>، <لېييىن دۇڭجۇ> قاتارلىق تەخەللۇسلىرى بار. ئېدودىكى شتايا ساممائىسۇدا تۇغۇلغان. تېلېگراف تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1899 - يىلى <يومىئۇر خەۋەرلىرى> گېزىتىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان. 1908 - يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ لىكتورى بولغان. خەنزۇشۇناسلىق بىلەن بۇددىزمغا ناھايىتى پىششىق. 1937 - يىلى مەدەنىيەت ئوردېنى بېرىلگەن. ئودزاكى كوئې، پۇبوئۇتى سيائې، مورى كامومې سودې بىلەن بىللە تۆت چوڭ ئەدىب دەپ ئاتالغان. <داڭلىق بۇت>، <بەش يۇلتۇزلۇق مۇنار> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. كېيىن <كوداروخان ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.