Uyghur←Chinese主要词典
كوبورگ خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
科堡王朝
kē bǎo wáng cháo
ⅨⅩ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىغىچە بۇلغارىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق (1887 - 1908 - يىللىرى كىنەزلىك؛ 1908 - 1946 - يىللىرى خاندانلىق بولغان). فېردىناند Ⅰ (1887 - 1908 - يىللىرى كىنەز، 1908 - 1918 - يىللىرى پادىشاھ بولغان) قۇرغان، گېرمانىيىنىڭ ساكسېن - كوبورگ - كوھارى جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا، گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولغاچقا، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغان. تەختكە ئۇنىڭ ئوغلى بورىس Ⅲ ۋارىسلىق قىلغان (1908 - 1943). بورىس ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى سىميون Ⅱ (1943 - 1946) تەختتە ئولتۇرغان، بىراق ئۇ گۆدەك بولغانلىقتىن، نايىب كېڭەش ھاكىمىيەت يۈرگۈگەن. 1944 - يىلى بۇلغارىيە خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابىي غەلىبە قازىنىپ، 1946 - يىلى 9 - ئايدا خەلق پارلامېنتى خانلىق تۈزمنى بىكار قىلش ھەققىدە پەرمان ماقۇللىغاندىن كېيىن، خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.