Uyghur←Chinese主要词典
كوبدېن
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
科布登
kē bù dēng
دۇنيا تارىخى
科布顿
kē bù dùn
(1804 - 1865) ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئەنگلىيە ئەركىن سودا تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى، دەسلەپ دۇكان خىزمەتچىسى بولغان. 1831 - يىلى مانچىستېرغا كۆچۈپ كېلىپ، باشقىلار بىلان بىرلىكتە پاختا رەخت بوياقچىلقى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان. 1831 - يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. سۆزگە ئۇستا بولۇپ، ئىزچىل تۈردە سودا ئەركىنلىكىنى تەرغىپ قىلغان. 1838 - 1846 - يىللىرى <ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ئىتتىپاق> تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرغان. ئەنگلىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەركىن سودا، ئەركىن رىقابەتنى تەشەببۇس قىلغان. سودىنى تىنچ كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمتىنىڭ باشقا ئەللەر لبىەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرگەن. 1860 - يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن فرانسىيە بىەن كېڭىشىپ <ئەنگلىيە - فرانسىيە سودا كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. <سىياسىي ئوبزور>، < نوتۇق> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.