Uyghur←Chinese主要词典
كېنتېربۇرىي چېركاۋى
دۇنيا تارىخى
坎特伯雷教堂
kǎn tè bó léi jiào táng
ئەنگلىيىدىكى مەشھۇر كاتولىك چېركاۋى بولۇپ، كېنتېر ۋىلايىتىگە جايلاشقان. مىلادى 597 - يىلى مىسسىئونېر سېن. ئاۋگۇستىن تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. رىم ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1067 - يىلى كۆيدۈرۋېتىلگەن. كېيىن يېڭىباشتىن قۇرۇلغان. 1130 - يىلى كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. 1680 - يىلىدىن كېيىن گۇت ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1170 - يىلى ئەنگلىيلىك ئارخىئېپىسكوپ توماس بېكېت مۇشۇ چېركاۋدا ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە شۇ يەرگە دەپن قىلىنغان. كېيىن بۇ چېركاۋ ئەنگلىيە كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرىنىڭ ھەج - تاۋاب قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلىنىپ قالغان.