Uyghur主要词典
كىنونىڭ بەختسىز بالىلىق دەۋرى
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
كىنو پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە راستتىنلا ھەممىنى زىلزىلگە سېلىۋەتكەنىدى. «پويىز ۋوگزالغا كەلدى» نى قويغاندا، تاماشىبىنلار ئۇدۇل كېلىۋاتقان پويىزنى كۆرۈپ بېسىۋېتەمدىكىن دەپ قورققان، ھەتتا بەزىلەر چىرقىراپ قاچقان. قىزىقىش ۋە ھەۋەس تۈپەيلى، دەسلەپكى كىنو قويۇش سورۇنلىرىدا بىرمۇ ئورۇن بىكار قالمىغان، ئىشىك ئالدى باس - باس بولۇپ كېتىپ، ساقچى كەلمىسە تەرتىپنى ساقلاشقا ئامالسىز قالىدىغان دەرىجىگە يەتكەن.
ھالبۇكى، كىشىلەر ئەينى چاغدا كىنونى بىر خىل يېڭى سېرك، ئۆزگىچە خىيالىي سېھىرگەرلىك دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىنونىڭ ئۆزىمۇ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى كەم بولغانلىقى، ئادەتتىكى تۇرمۇش ئېكرانغا كۆچۈرۈپ قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلى تېزلا سوۋۇپ كەتتى. بىر مەھەل داغدۇغا ياراتقان كىنو ئاخىر بېرىپ تۆۋەن تەبىقىدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭلا كۆڭۈل ئاچىدىغان نەرسىسىگە ئايلىنىپ قالدى. مەرتىۋىلىك زاتلار كىنو كۆرگىلى كەلمىدى. ھەتتا كىنو سېرك مەيدانىدىن رەسمىي كىنوخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىنمۇ، ھېلىقى ئېسىلزادە زاتلار قاراڭغۇ چۈشكەندە شىلەپىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ كۇلۇبقا يوشۇرۇنچە كىرەتتى، چۈنكى باشقىلار سېزىپ قالسا ئابرۇيىغا تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەيتتى. مانا بۇنىڭدىن كىنونىڭ بالىلىق دەۋرى ئىنتايىن بەختسىز ئۆتكەنلىكى، زامانغا لايىق ئەمەس دەپ قارالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。