Uyghur←Chinese主要词典
كىندىك بېغى
بىئولوگىيە
脐带
qídài
ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ ھامىلىسى بىلەن بالا ھەمراھىنى تۇتاشتۇرغۇچى تۈزۈلۈش. شەكلى ئارغامچىغا ئوخشايدۇ. كىندىك بېغىنىڭ سىرتىنى بىر قەۋەت ئېپىتېلىيە ئوراپ تۇرىدۇ. ئىچكى قىسمىدا مېزوبلاستىنىڭ شىلىمشىق توقۇلمىلىرى (يەنى ۋارتون يېلىمى) ھەم ئۇنىڭغا كۆمۈلۈپ تۇرغان تۇخۇم سېرىقى خالتا سېپى ۋە كىندىك ئارتېرىيىسى (بىر جۈپ) قاتارلىقلار بولىدۇ. كىندىك ۋېناسى بىلەن ھامىلە جىگىرىنىڭ قان سىنۇسى ئۆزئارا تۇتىشىدۇ. كىندىك ئارتېرىيىسى بىلەن ھامىلىنىڭ ئائورتا قان تومۇرى تۇتىشىدۇ. بۇ ئىككى خىل قان تومۇرىنىڭ يەنە بىر ئۇچلىرى نۇرغۇنلىغان تارماق شاخچىلارنى شەكىللەندۈرۈپ بالا ھەمراھىنىڭ تىۋىتلىرىغا تارقالغان. بالا ھەمراھى تىۋىتلىرىنىڭ ئوسموتىك رولى ئارقىلىق ھامىلە قان سۇيۇقلۇقى بىلەن تىۋىت ئارىلىق بوشلۇقى (قان سىنۇسى) دىكى ئانا تەن قان سۇيۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدا ماددا ئالماشتۇرىدۇ. ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن كىندىك بېغى رولىنى يوقىتىدۇ. ئۇنى تۈۋىدىن كېسىۋېتىشكە بولىدۇ. كېسىلگەن جايىنى يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن دېزىنفېكسىيە قىلىپ مۇۋاپىق تېڭىپ قويۇش كېرەك، ئانىغا تۇتاشقان كىندىك بېغى قىسمى بالا ھەمراھى بىلەن بىللە چىقىرىۋېتىلىدۇ.
ئاناتومىيە,ئۇنىۋېرسال,تېببىي
脐带
qí dài