Uyghur←Chinese主要词典
كىمون
دۇنيا تارىخى
西门
xī mén
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 512 - 499) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، قوماندانى. ئاقسۆڭەكلەر داھىيىسى. مىلتىيادېس (مارافون ئۇرۇشىنىڭ قوماندانى) نىڭ ئوغلى. مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى سەركەردە بولغان. دېلوس ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئافىنانىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتكەن. مىلادىدىن 476 يىل ئىلگىرى سىراسې ئەتراپىغا لەشكەر تارتىپ كېلىپ، پېرسىيە لەشكەرلىرىگە زەربە بېرىپ، ئافىنانىڭ بۇ رايونغا بولغان تەسىرىنى كېڭەيتكەن. مىلادىدىن 470 يىل ئىلگىرى، دېموكراتلار داھىيىسى تېمىستوكلنى چەت ئەلدە ئۆلۈۋېلىشقا مەجبور قىلغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەر يىغىنىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 468 يىل ئىلگىرى، ئېئورىمېدون (كىچىك ئاسىيادا) دەرياسى ئۇرۇشىدا پېرسىيە لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، دېلوس ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ناكسوس ئارىلى ۋە تارس ئارىلىنىڭ قارشىلىقىنى قوراللىق باستۇرغان. سىياسىي كۆز قارىشى كونسېرۋاتىپ بولۇپ، سپارتاغا مايىل بوغان. مىلادىدىن 462 يىل ئىلگىرى، لەشكەر باشلاپ چىقىپ، سپارتانىڭ ھېلوتلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغاندا، رەت قىلىنىپ، رەسۋا بولۇپ دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن. كېيىن دېموكراتلاردىن ئېفالت بىلەن پېرىكلېس كۈچىيىپ، ئاقسۆڭەكلەر يىغىنىنىڭ ئورنىنى ئاجىزلاتقان. مىلادىدىن 461 يىل ئىلگىرى چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان تەخمىنەن مىلادىدىن 456 يىل ئىلگىرى دۆلىتىگە چاقىرىپ كېلىنىپ، پېرسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرۇلغان. مىلادىدىن 451 يىل ئىلگىرى ئافىنا بىلەن سپارتانىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئىككىنچى يىلى، دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ كېلىپ، سىپرۇس ئارىلىدىكى پېرسىيە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان، مۇشۇ ئارالدىكى سالامىس شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا ھالاك بولغان.