Uyghur主要词典
كېمە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كېمە، قېيىق:
زىمىستان ئىدىكىم بىغايەت ساۋۇق،
يېتىپ كەلدى ئاخىر كېمەگە ياۋۇق.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇدا يۈرىدىغان، يولۇچى، يۈك توشۇشقا، بېلىق ئوۋلاشقا خىزمەت قىلىدىغان، ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلدىغان ۋە بەزى سۇدا سەيرى قىلشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
«كېمە، كاراپ، كارابىل» لار ئەڭ دەسلەپكى بولۇپ، خادا بىلەن يۈرگۈزۈلەتتى. ھازىر ماتورلا رىشتى.
«پاراخۇت»
ئىككى كېمىنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتقان سۇغا چۈشەر. كاراپقا چۈشكەنلەرنىڭ جېنى بىر. كارابىلدا ھەممە نوپۇز ئىگىسىگە بويسۇنۇشى شەرت. پاراخۇت چوڭ بولغىنى بىلەن، ئۇنى كىچىك رول باشقۇرىدۇ. شامىلىغا قاراپ يەلكىنى. قېيىققا چۇشسەڭ، قېيقچى بىلەن ئېيتىشما. كىچىك قولۋاقنىڭ قىرغاققا يېقىن ئۈزگىنى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
سۇدا ماڭىدىغان، يۈك توشۇش، بېلىق تۇتۇش ياكى ھەرخىل مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما.