Uyghur←Chinese主要词典
كىمبانگۇ
دۇنيا تارىخى
基班古
jī bān gǔ
(1881 - ياكى 1889 - 1951) كونگو (ھازىرقى زايىر) رېسۇررىكتئون (ئەيسانىڭ تىرىلىشى) چېركاۋىنىڭ ئاساسچىسى. نىكامبۇدا تۇغۇلغان. خىزمەتچى ۋە پروتېستانت پوپى بولغان. 1921 - يىلى ئۆزىنى ئەۋلىيا دەپ، رېسۇررىكتىئون چېركاۋىنى قۇرغان. نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 12 ئەلچى تەيىنلەپ، دىنىي ئەقىدىنى تەشۋىق قىلىپ، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. 9 - ئايدا بېلگىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، كېيىن ئۆمۈرۋايەتلىك قاماققا ئۆزگەرتىلگەن. 1951 - يىلى تۈرمىدە ئۆلگەن.