领域: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىقەھرىتان قىشنىڭ بار كۈنىسى، كېمىچى كېمە بىلەن بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ، بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىۋاپتۇ. كېمىچى بىردەم تازا كۈچەپ پالاق ئۇرغاندىن كېيىن، بەك ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ - دە، كۆڭلەكتىن باشقا كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سېلىۋېتىپتۇ، ئاندىن كېمە بۆلمىسىگە كىرىپ، ئوغلىغا:
- بەك ئىسسىق بولۇپ كەتتى، چاپىنىڭنى سېلىۋەت! - دەپ بالىسىنىڭ چاپىنىنى سالدۇرۇۋېتىپ، كۆڭلەكچان قىلىپ قويۇپتۇ.
كېمىچى يەنە بىردەم پالاق ئۇرۇپتىكەن، پۈتۈن بەدىنى چىپ - چىپ تەرگە چۆمۈلۈپتۇ، ئاخىر ئۇچىسىدىكى كۆڭلىكىنىمۇ سېلىۋېتىپتۇ.
- ئۇھ، نېمىدېگەن ئىسسىق بۇ! - دېگىنىچە كېمە بۆلمىسىگە كىرىپ بالىسىنىڭ كۆڭلىكىنىمۇ سالدۇرۇۋېتىپتۇ.
كېمىچى كۈچەپ پالاق ئۇرۇۋېتىپ تەرلەپ كەتكىنىدىن بەدىنىدىن ھور چىقىشقا باشلاپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىچارە بالىسى كېمە ئىچىدە مۇزلاپ ئۆلۈپ قاپتۇ.