Uyghur←Chinese主要词典
كلېمېنت
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
克莱门特
kè lái mén tè
دۇنيا تارىخى
克力门特五世
kè lì mén tè wǔ shì
(1274 - 1314) رىم پاپاسى (1305 - 1314). فرانسۇز. 1299 - يىلى بوردونىڭ ئارخېئېپىسكوپى بولغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ نىڭ ياردىمى بىلەن پاپا بولۇپ سايلانغان. 1305 - يىلى ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دولچىنو قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1308 - يىلى پاپىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى رىمدىن فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاۋىگنونغا كۆچۈرۈپ كەلگەن، شۇنىڭدىن كېينكى 17 يىل داۋامىدا پاپا فرانسيە كورۇلى (<ئاۋىگنۇن پاپاسى> ماددىسىغا قاراڭ)نىڭ تىزگىنلىشى ئاسىتدا بولغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلىنىڭ قىستىشى بىلەن مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكىنى بىدئەتلەر دەپ جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ فرانسىيىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. 1312 - يىلى مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكىنى رەسمىي تارقىتىۋەتكەن.