Uyghur主要词典
كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى
领域: دۇنيا تارىخىكوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى كيولىن ياچېيكىسى قۇرغان ئاشكارا ئاممىۋى تەشكىلات. 1848 - يىل 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى گوتساك تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى قول سانائەتچىلەر. ئاساسىي رەھبەرلىرى <كوممۇنىزمچىلاrر ئىتتىپاقى> نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق شەخسلەردىن مولل، ساپپېر قاتارلىقلار بار. دەسلەپتە، گوتساكنىڭ تەسىرى بىلەن، كۈچلۈك مەزھەپچىلىك خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، پۈتكۈل گېرمانىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن پرۇسسىيە ئىتتىپاق پارلامېنتىنى چەكلەش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، دەرھال <ئىشچىلار جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن، ماركىس ۋە ئېنگېلسنىڭ ياردىمى ۋە تەربىيىسى ئارقىسىدا، سىياسىي لۇشيەندە ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەن. 1848 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ، ماركس بىر مەزگىل بۇ بىرلەشمىنىڭ رەئىسى بولغان. 1848 - يىلى قىشتا، گوتساك قاتارلىقلار بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغان. 1849 - يىلى 2 - ئايدا قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق، ساپپېر رەئىس بولغان. گېرمانىيە ئىنقلابىي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەكسىيەتچى دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كيولىندىن ئايرىلىپ كېتىشكە مەجبور بولغان، نەتىجىدە بۇ تەشكىلات ئىشچىلارنىڭ ئادەتتىكى تەربىيىۋى تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ قالغان. <كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى ژورنىلى> ناملىق ئورگان ژورنىلى بولۇپ، كېيىن <ئەركىنلىك، مېھرىبانلىق ۋە مېھنەت> گېزىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。