Uyghur←Chinese主要词典
كېيىنكى ئۈچ دۆلەت
دۇنيا تارىخى
后三国
hòu sān guó
چاۋشيەندىكى سىللا، كېيىنكى پېكچى، موجېن ( كېيىنكى كوگۇريو، تخېبون 918 - يىلدىن كېيىن پادىشاھلىق كورىيەگە ئۆزگەرتىلگەن) دىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. مىلادى 900 - يىلى (سىللانىڭ پادىشاھى شياۋگوڭنىڭ تۆتىنچى يىلى)، غەربىي جەنۇب دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ مۇئاۋىن سەركەردىسى جېن شۇەن كېيىنكى پېكچىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ۋەنشەنجو (جېئونرا - بۇگدو جېئونجۇ) نى پايتەخت قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىنى ئىگىلىگەن. 901 - يىلى، سىللا ئاقسۆڭىكى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان راھىب گوڭيى پادىشاھ بولۇپ، سونگدو (كيوڭگى - دودىكى كائېسوڭ 905 - يىلى چولۋونغا كۆچۈرۈلىدۇ) نى پايتەخت قىلغان، 904 - يىلى موجېن ناملىق دۆلەت قۇرۇلۇپ، 911 - يىلى نامىنى تخېبونغا ئۆزگەرتىپ، يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى ئىگىلىگەن (كېيىنكى كوگۇريو دەپمۇ ئاتىلىدۇ). سىللا ھاكىمىيىتى شەرقىي جەنۇبىنىراق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ دۆلەتنىڭ داڭقان پۇتى ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. 918 - يىلى گوڭيىنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە ۋان گون تخېبون ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۋېلىپ، دۆلەت نامىنى كورىيىگە ئۆزگەرتكەن. 935 - يىلى، سىللانىڭ پادىشاھى جىڭشۈن ۋان گونغا تەسلىم بولغان. 936 - يىلى، ۋان گون كېيىنكى پېكچىنى يوقاتقان. كېيىنكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش دەۋرى ئاخىرلىشىپ، كورىيە چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن.