—参考资料
خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى
领域: خەلقئارا تەشكىلاتلار1946 - يىلى8 - ئايدا،43 دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى پراگادا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.1985 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە109 دۆلەت ۋە رايوندىكى130 دىن ئارتۇق تەشكىلات ئەزا بولدى. باش شتابى پراگاغا تەسىس قىلىندى.
خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي نىشانى: «ئىرقىي كەمسىتىش، ئىجتىمائىي كەمسىتىشنى يوقىتىش، مۇستەملىكىچىلىك، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىق ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.» 1986 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، بۇ تەشكىلات «مائارىپ − ئىمتىياز ئەمەس» دېگەن تېمىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。