领域: ئەپسانىلاربۇ رىۋايەت تولسىتوينىڭ «قەدىمكى خارەزىم مەدىنىيىتىنى ئىزلەپ» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
قەدىم زاماندا شەرقنىڭ پادىشاھى ئۆزىنىڭ يېقىن خىزمەتچىلىرىدىن تۆت يۈز كىشىنى جازالاپ، ئۇلارنى ئىنسان ياشايدىغان جايدىن يۈز پەرسەخ (پەرسەڭ) (پەرسەخ - تارىختا تەخمىنەن يەتتە _ سەككىز كىلومېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق مۇساپە ئۆلچىمى.) نېرىغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پادىشاھ ئۇ جايغا سۈرگۈنلەرنىڭ ھال _ ئەھۋالىنى بىلىش مەقسىتىدە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. پادىشاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بۇ كىشىلەر سۈرگۈنلەرنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانال قېزىپ چۆلگە سۇ باشلاپ، تېرىقچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوت _ چۆچلىرى يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇلار گۆشىنى نېمە دەپ ئاتىشىدىكەن؟» دەپ سوراپتۇ. «خار» دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ ھېلىقى كىشىلەر. «ئوتۇننىچۇ؟» دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. «رەزىم» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇلار. پادىشاھ بۇ جاۋابلارنى ئاڭلاپ شۇنداق دەپتۇ: «ئۇنداق بولسا، بۇ جاينىڭ نامى بۇنىڭدىن كېيىن (خارەزىم) دەپ ئاتالسۇن.»