Uyghur主要词典
كەتمىنىنى چاپماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خىزمىتىنى قىلماق، بولۇشماق ( سەلبىي مەنىدە ).
مۇنداق قىلسام . . . ئۇلارنىڭ تۈگمىنىگە ئۆز قولۇم بىلەن سۇ قۇيۇپ بەرگەن بولىمەن، دەپ ئويلىدى ياڭ زېڭشىن. ھۆكۈمەتنىڭ كەتمىنىنى مەن چېغىمدا 40 يىل چاپتىم. سېيىت ھاجى ئاش _ تۇزىمىزنى يەپ تۇرۇپ، يەنە ئاشۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپسا . . .
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىمەك، بىر تەرەپكە يان باسماق، بولۇشماق: - تۈزىمىزنى يەپ تۇرۇپ، يەنە ئاشۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپامسەن؟ - دېدى ھاشىم ئاكا ئۇنىڭغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىمەك؛ يان باسماق.