Uyghur主要词典
كەت
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كەتمەك، كېتىش. 1 . بۇ ياقتىن ئۇ ياققا يۆنىلىش. ئانتونىمى: كەل.
دوستۇمنىڭ ئۆلگىنىگە يىغلىمايمەن، ئېشىكىمنىڭ كەتكىنىگە يىغلايمەن.
كەتتى يار كۆڭلى قارا،
كېتەمسەن يارىم دېمىدى.
چىنىگە چاينى قويۇپ،
ئىچەمسەن يارىم دېمىدى.
_ قوشاق.
2 . لازىم بولماق، سەرپ قىلماق. بۇ ئىشقا چىق پۇل كېتىدۇ. * بۇ ئىمارەتنى سېلىشقا ئىككى يىل كېتەر. * سىلىدىن نېمە كېتەتتى، ئېغىزلىرىنىڭ يېلى كېتىدۇ.
3 . ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ نورمال ھالەتتىن قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەلدىن كەتمەك. * كۆزدىن كەتمەك. * قۇلاقتى كەتمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
«پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ھەرىكىتىنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى. * كۈن ئېچىلىپ كەتتى. * ئۇ ئۆتۈپ كەتتى. * ئۇ سۆزلەپ كەتتى. * ياسىن چىقىپ كەتتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كات؛ تەخت؛ شېئىردا مۇنداق كەلگەن: كەت يۈزىدە دوشاك سالىب زارو خەستەنى بات. (ناۋائى)
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مۈرە؛ تەخت؛ ئېرىق، ئۆستەڭ؛ پەشىمەت.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆپ، نۇرغۇن؛ كۈچلۈك، قۇۋۋەتلىك