Uyghur主要词典
كەسكىنلىك
پسىخولوگىيە
( ياكى قەتئىيلىك ) بۇ ئىرادە پەزىلەتلىرىدىن بىرى. بىر كىشىنىڭ ھەق بىلەن ناھەقنى ئېنىق پەرق ئېتىپ، دەل ۋاقتىدا بىر قارارغا كېلىشى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشى كەسكىنلىك ياكى قەتئىيلىك دېيىلىدۇ. دەل ۋاقتىدا دېگىنىمىز دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش زۆرۈر بولغان پەيىتتە ھىچ ئىككىلەنمەستىن، ھەتتا ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالسىمۇ، مەرتلىك بىلەن قەتئىي بىر قارارغا كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئەھۋال ئۆزگىرىپ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش زۆرۈر بولمىغاندا، يەنە دەرھال قارارنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇشمۇ كەسكىنلىكنىڭ ئىپادىسى. كەسكىنلىك باتۇرلۇق بىلەن چوڭقۇر ئويلىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.
ئىشنىڭ پەيتى كەلگەندە « ياقسام پىشامدۇ، كۆمسەم پىشامدۇ » دەپ ئىككىلىنىش بىلەن ئىشنىڭ پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماي قېلىش ئىرادە ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى. مانابۇ كەسكىنلىكنىڭ تەتۈرىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قەتئىيلىك؛ قەتئىي ھەم كەسكىن مۇئامىلە، ھەرىكەت.
- چىقمايدۇ! - دېدى مەردان كەسكىنلىك بىلەن.