Uyghur主要词典
كەسكىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇختا ئويلاپ قىلىنغان تېز ھەرىكەت.
بىلىم ئادەمدىن ئەڭ جىدددىي ۋە ئەڭ ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كەسكىن ئۇستازنىڭ كايىشى مېھرىبان ئاتىنىڭ ئەركىلەتكىنىدىن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئۈزۈل - كېسىل، قەتئىي، جىددىي.
گېپى كەسكىن. كەسكىن كۈرەش.
ئۆي ئىچىدىكى كەسكىن مۇلاھىزە تېخى داۋاملىشىۋاتاتتى.
سۈپ. پوزىتسىيىسى ئۈزۈل - كېسىل، مەسىلە - ئەھۋاللارغا قارىتا تېز ھەم ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىش خاھىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان (ئادەملەر ھەققىدە:)
ئاۋۇت ئاكام تولىمۇ كەسكىن ئادەم بولغاچقا، بىز ھەممىمىزلا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قېلىشتىن ئېھتيات قىلىشاتتۇق.
سۈپ. تېز ھەم كۈچلۈك، شىددەتلىك، قاتتىق؛ جىددىي (ئاۋاز ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۇنىڭ ئاۋازىدا ھېلىغىچە بىلىنگەن كەسكىن بىر تۈس بار ئىدى.
- ياق! - دېدى ئۇ كەسكىن بىر ئاۋازدا.
رەۋ. تېز، دەرھال، بىردىنلا.
ئۇ ئېتىنىڭ بېشىنى كەسكىن بۇرىدى - دە، ئەمدىلا مەلۇم بولغان خائىننى قوغلاپ كەتتى.
رەۋ. پۈتۈنلەي، بىردىنبىر، تۈپ يىلتىزىدىن.
باشلىقنىڭ بىردىنلا كەسكىن ئۆزگىرىشى بىزنى گاڭگىرتىپ قويغانىكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كەسكىن، چۇس، ئۈزۈل - كېسىل.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
كەسكىن، چۇس، ئۈزۈل-كېسىل خاراكتېرگە ئىگە كىشى.