Chinese→Uyghur主要词典
科斯明斯基
دۇنيا تارىخى
كوسمىنىسكىي
(1886 - 1959) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1910 - يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپتە قالغان. 1919 - يىلى پروفېسسور بولغان. 1934 - يىلى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە سوېت ئىتتىپاقىپەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخ تەتقىقات ئىشخانىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1946 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ يەر تۈزۈمى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ⅢⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە فېئودال مانورلىرى ئۈسىتدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ تارىخشۇناسلىق تارىخى، ⅡⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى تارىخى ۋە ۋىزانتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ تۆھپىسى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ⅢⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە يېزىلىرى>، <ⅢⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيەنىڭ يەر تۈزۈمى تارىخى ھەققىدە تەتقىقات>، <ئوتتۇرا ئەسىردىكى تارىخشۇناسلىق تارىخى> قاتارلىقلار بار.