Uyghur主要词典
كەش جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
15 - ئەسىردىن 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە گېرمانىيەنىڭ غەربىي قەنۇبىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى مەخپىي تەشكىلاتى. جەمئىيەت بايرىقىغا دېھقانلار كىيىدىغان كەشنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ جەمئىيەت تەخمىنەن 15 - ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئاساسىي قاتناشقۇچىلىرى دېھقانلار ۋە ئاددىي پۇقرالار بولۇپ، ئاز ساندىكى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئايرىم رىتسارلارمۇ بار. ئەزالىرى ھەمىشە مەخپىي يىغىن ئاچقان ۋە يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلغان. 1502 - يىلى سپېيېر ئېپىسكوپ رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلاپ، چېركاۋنىڭ يەر مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ دېھقانلارغا تەقىسم قىلىپ بېرىش، بارلىق فېئوداللىق ئالۋان - سېلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يېزا جامائەسىنىڭ يەرلىرىدىن ئەركىن پايدىلىنىش، چېركاۋ سوتىنى بىكار قىلىش ۋە مىسسىئونىرلارنىڭ ئىش ھەققىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى تەلەلەپ قىلماقچى بولغان. كېيىن خائىن چېقىمچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. نۇرغۇن ئەزالىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ساق قالغان ئەزاسى جون فرىتىس تەشكىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە تىرىشىپ، 1513 - يىلى يېڭى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان ھەمدە پادىشاھتىن باشقا ھەممە ھاكىمىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيەنىڭ تەپرىقىچىلىك ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن دۆلەات قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىق بولاتتى. خائىنلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1517 - يىلى، جون فرىتىس بىلەن ستوفېر كەش جەمئىيىتىنىڭ يېڭىۋاشتىن تەشكىللەپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە يەنە بىر قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇنىڭ تەسىرى گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كەڭ يېزىلارغا كېڭەيگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەھەر ئاھالىلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر جەمئىيەتكە قاتناشقان. ئاخىرى يەنە مەغلۇپ بولغان. كەش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى 1524 - 1525 - يىللىرىدىكى دېھانلار ئۇرۇشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان.