Chinese→Uyghur主要词典
克什米尔问题
دۇنيا تارىخى
كەشمىر مەسىلىسى
1947 - ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەشمىرنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە كېلىپ چىققان تالاش - تارتىش. كەشمىر ئەسلىدە ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستانىڭ بىر بەگلىكى بولۇپ، ئۇ يەردە ياشىغۇچى ئاھالىلەرنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكى مۇسۇلمان، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تەخمىنەن 20 پىرسەتنى ئىگىلىگەن. ھۆكۈمرانلار ھىندى دىنىدىكى خان - خوجىلاردىن بولغان. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى <مونباتتېن لايىھىسى> گە بىنائەن ھەرقايسى يەرلىك شتاتلار پاكىستان ياكى ھىندىستانغا قوشۇلۇشىنى ۋە ياكى ئەسلىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزلىرى ئەركىن تاللىۋېلىشىغا بولغان. كەشمىر مۇسۇلمانلىرى پاكىستانغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ھىندى دىنىدىكى بەگ - خوجىلارغا قارشى غازات ئېلىپ بېرىشنى جاكارلىغان. بەگ - خوجىلار دېھلىغا قېچىپ بېرىپ، ھىندىستانغا قوشۇلۇش شەرتى بىلەن ھىندىستاننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. 1947 - يىلى 10 - ئايد ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئۇرۇش بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلغان. كېيىن برلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن 1949 - يىلى يېڭى يىلدا ئۇرۇش توختىتىلغان. 1953 - يىلى ھىدىنستان، پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلغان، بىرلەشمە ئاخباراتىدا كەشمىر تالاش - تارتىشىنى پۇقرالار ئاۋازىغا قويۇش يولى بىلەن ھەل قىلىشنى بايان قىلشقان. 1965 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ھىندىستان يەنە بىر نۆۋەت پاكىستانغا قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ توقۇنۇش پەيداقىلغان. 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئۇرۇشنى توختىتشقا مەجبورلىغان. 1975 - يىلى 2 ـ ئايدا ھىندىستان كەشمىرنىڭ ھىندىستان ئىشغالىيىتىدىكى رايونى ھىندىستاننىڭ بىر شتاتى دەپ جاكارلىغان، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.