Uyghur主要词典
كېڭەش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مەسلىھەت يىغىنى، كېڭەشمە، سوۋېت، سىنور(«كېڭەش Ⅱ») .
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئاپتونوم رايونلۇق كومېتىتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كېڭەشمەك، كېڭىشىش. مەسلىھەتلىشىش
كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس (ماقال) * ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش ، خوتۇن ئالساڭ يىل (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر ئىش ھەققىدىكى پىكىر، يوليورۇق، مەسلىھەت.
ئۇ: - ئەمدى مەن سىزگە قانداق كېڭەش بېرەلەيمەن، - دېدى.
ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ۋە پىكىرلىشىش ئاساسىدىكى مۇزاكىرە ۋە شۇنداق مۇزاكىرە يىغنى، يىغىلىش.
كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا بولماس (ماقال).
كېڭەشتە ئولتۇرغانلار بۇ ھەقتە ئويلاپ كۆرمىگەچكە، دەرھال بىرنېمە دېيەلمىدى.
جەمئىيەت، سىياسىي پارتىيە - گۇرۇھ ۋەكىللىرىنىڭ مەسلىھەتلىشىش، كىڭىشىش يىغىنى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى.
جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى.
مەن كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن.