Uyghur←Chinese主要词典
كەركىدان
领域: بىئولوگىيە犀
xī
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ تاق تۇياقلىقلار ئەترىتى، كەركىدان ئائىلىسىگە تەۋە. بەدىنى زور، بېشى بىلەن بەدىنىنىڭ ئورتاق ئوزۇنلۇقى 2 - 2.4 مېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 61 - 76 سانتىمېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 1 - 2 مېتىر، بېشى ئۇزۇن، بوينى قىسقا، كۆزى كىچىك. تۇمشۇقىدا 1 - 2 مۈڭگۈزى بار. بۇ مۈڭگۈزلىرى ھەقىقىي تېرە خاراكتېرلىك بولۇپ، پۇختا سېللوكېراتىندىن تۈزۈلگەن. كۈرەك چىشى تەرەققىي قىلمىغان، ئۈستۈنكى قوزۇق چىشى يوق، تۈكلىرى ئىنتايىن شالاڭ، تېرىسى قېلىن ھەم ئەۋرىشىم، ئادەتتە پۇرلىشىپ تۇرىدۇ. مەلۇم تۈرلىرىنىڭ تېرىسى بىرونىلانغان تاختىغا ئوخشايدۇ. رەڭگى ئازراق قارامتۇل، پۇتلىرى قىسقا، تۈۋرۈككە ئوخشاش. ئالدى پۇتىدا ئۈچ بارمىقى بار (بەزى تاشقا ئايلانغان تۈرلىرىنىڭ تۆت بارماقلىق)، كەينى پۇتىمۇ ئۈچ بارماقلىق، ھەرقايسى بارماقلىرى تۇياقلىق، كۆرۈش كۈچى ئاجىز، ئاڭلاش ۋە پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر. ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىغا، سۇماترا، ياۋا ھەم ئافرىقىنىڭ سۇبتروپىك بەلباغ ۋە تروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان بولۇپ ئوتلاق، چاتقاللىق جايلار ۋە قويۇق ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. پاسكىنا لاتقىلىق كۆلچەكلەردە ياكى قۇملۇق دەريا قىنىدا ئېغىناشنى ياخشى كۆرىدۇ. كۆپىيىش پەسلىدە بىر جۈپ كەركىدان تۆت ئايغىچە بىللە ياشايدۇ، بوغاز مەزگىلى 510 - 570 كۈن بولۇپ، بىرنى تۇغىدۇ. ئۆمرى تەخمىنەن 05 يىل. بۇ ئائىلىدە ھازىر تۆت ئۇرۇقداش بەش تۈر قالغان. كەركىداننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ھەممىسى دورا قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ كەركىدان مۈڭگۈزى ئەتىۋارلىق بولۇپ، تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەچكە سانى ئىنتايىن ئازىيىپ كەتكەن ياكى ئۇرۇقى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالماقتا.
领域: ئۇنىۋېرسال(ئى)
xī niú 〈dòng 〉
犀牛〈动〉
领域: ئۇنىۋېرسال独角兽
dú jiǎo shòuDئورمانچىلىق
كەركىدان (سىڭار مۈڭگۈزلۈك كالا)
亚洲犀牛(独角牛)
yà zhōu xī niú (dú jiǎo niú )
例句
قېرىندىشىم كەركىداننى كۆرگىلى ھېيت سېلىپ ماڭدى.
翻译: 我兄弟看了犀牛高兴坏了。
common collocation
专业术语
领域: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر
ھايۋاناتلار
(1) بىر قولنىڭ باشمالتىقى ۋە چىمچىلىقىنى چىقىرىدۇ، بارماقلىرى ئۇچىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، باشماملتاق دۈمبىسىنى بۇرنىغا چاپلايدۇ، يەنى كەركىداننىڭ مۈڭگۈزىگە ئوخشىتىدۇ.
犀牛
xī niú
GetWord 语料库
9独角兽
dú jiǎo shòu
犀牛
xī niú
兕
sì
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。