Uyghur主要词典
كەرگەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۆلۈش، ۋاپات بولۇش: كەرگەك بولمىش - ۋاپات بولدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىرىك ئورگانىزىمدا ھاياتى پائالىيەتنىڭ توختىشى، تۈگىشى.
ئۆلۈم جازاسى. ئۆلۈمگە ئامال يوق. ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. قورققاننى ئەجەل قوغلار. بەتنام ياشىغاندىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل، مەقسەتكە يەتمەي يەپ كەتسە ئەجەل. سەۋەب قىلساڭ، زاۋال يوق، قىلالمىساڭ، ئامال يوق. ھەركىم زۇلۇم قىلسا، دۆلىتى زاۋال تاپار. قازا كەلسە، قوشۇقتىكى سۇدىن قاقىلىپ ئۆلەر. بەخت تاغنى جۈپ قىلار، قازا جۈپنى تاق قىلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەلەپ ۋە ئېھتىياجنى بىلدۈرىدۇ.
«كېرەك» پېئىلىنىڭ شەرت مەيلى بىلەن بىرىككەندە ئېھتىماللىق، تەخمىن، گۇماننى بىلدۈرىدۇ. باشقىلىرىدا بۇ ھال يوق.
كېرەككە تېرەك يىقىلىدۇ. يىغقان مال جانغا كېرەك. بۈگۈن يامغۇر ياغسا كېرەك. قىممەتلىك پىكىرىمىز ھەقىقەتكە زىت كېلىپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن ۋازكېچىشكە رازى بولۇشىمىز. تىرىشچانلىق ۋە قانائەتلەنمەسلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ھەممىدىن بەك زۆرۈر. ئېڭىكى چۈشكەن چاغدا ياڭاق چېقىش ھاجەتمۇ؟ ئوقۇغاننى تەكرارلاپ تۇرۇش تېگىشلىك ئەمەسمۇ؟ پۇقرالار قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كېرەك، لازىم؛ ئېھتىياج