Uyghur主要词典
كەرەپشە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتياشنىڭ بىر خىلى. غولى تۈز، يوپۇرمىقى چوڭ، يېشىل بولىدۇ.
كەرەپشىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئسسىق، 100 گرام كەرەپشىدىن 20 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ. كەرەپشە تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار تىنچلاندۇرۇش ۋە تومۇرلارنى قوغداش رولىغان ئىگە. كەرەپشە يوپۇرمىقىدا ئوزۇقلۇق ماددىلىرى غولىدىكىن جىق.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، كەرەپشىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۇخۇم شەكلىدە، يوپۇرماق سېپى توم ۋە چوڭ بولۇپ، رەڭگى ئاق سېرىق ۋە يېشىل كېلىدۇ؛ گۈلى ئاق، مېۋىسى ياپىلاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 3 ~ 6 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 7 ~ 10 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 گرام ياكى 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كەرەپشە ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش، بېقىن ئاغرىقى، ئىچكى ئەزانىڭ سوغۇقلۇقى، قۇسۇش، ئۈچەينىڭ ئېچىشىشى، قورساق ئاغرىقى، ئىشتىھاسىزلىق ۋە بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەرەپشىنى قاينىتىپ، ئانار سۈيى ۋە شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر ئىچىشتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىنىشلەرنى قايتۇرىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يوپۇرماق ۋە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.
كەرەپشىنى ئەدەس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر تەسىرىنى يوقىتىدۇ.
كەرەپشىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل تېرە كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەرەپشىنى گۈڭگۈرت پوقى، قارا توغرىغۇ، نۆشۈدۈر بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۆگەلنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا قالغان داغنى چۈشۈرىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كەرەپشە (چىڭسەي) ئۆتكۈر پۇراقلىق بولغاچقا، پۇراقلىق كۆكتات دېيىلىدۇ. ئۇنى خام يېيىشكىمۇ، پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ ھەم تەم تەڭشىگۈچى كۆكتات قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ پۇرىقى يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەركىبىدە كورىئاندىرىن گلۇكوزىدى، ماننىتول، ئۇچۇچان ماي قاتارلىق خۇش پۇراق ماددىلار بولغاچقا، بەزىلەر ئۇلارنى «ئاچا - سىڭىل خۇش پۇراق ماتېرىيالى» دەپ ئاتايدۇ.
كەرەپشىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا دېڭىز ياقىلىرىدىكى سازلىق رايونلار بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ. يۇنان (گرېتسىيە) لىقلار ئۇنىڭدىن مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا پايدىلىنىپ بايراملاردا دائىم ئۆيلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلەيدۇ؛ ھەر قېتىملىق مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلغۇچىنىڭ بېشىغا كەرەپشە چېچىكىدىن دەستىلەنگەن گۈل تاجنى كىيدۈرۈپ قويىدۇ.
كەرەپشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، تەركىبىدىكى كالتسىي، فوسفور، تۆمۈرلەرنىڭ مىقدارى باشقا يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، كەرەپشە يوپۇرمىقىدىكى كارتىن مىقدارى يوپۇرماق سېپىنىڭكىگە قارىغاندا20 نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بىراق، كىشىلەر كەرەپشە يېگەندە، دائىم يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن، بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
قەدىمكى كىشىلەر كەرەپشىنى دورا كۆك دەپ ئاتايتتى، چۈنكى ئۇنىڭ جىگەرنى نورماللاشتۇرۇپ قىزىتما قايتۇرۇش، يەلنى ھەيدەپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش روللىرى بار. قەدىمكى يۇنان تېبابەتچىلىكىنىڭ بوۋىسى ھىپپوكرات كەرەپشىدىن سۈيدۈك راۋانلاشتۇرغۇچى دورا ياسىغان. ئۇنىڭ بۇ خىل رولى تەركىبىدە كىسانتوفىل بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كەرەپشىنى ئۇششاق توغراپ قايناق سۇغا بېسىپ ياكى يېڭى سۈتتە قاينىتىپ ئىچسە يەللىك ئاغرىققا شىپا بولىدىكەن. يېقىنقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كەرەپشىنىڭ مېڭە ستېروللىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار ئىكەن. شۇڭا، ئۇ يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار بىمارلارنىڭ يېمەكلىك بىلەن داۋالىنىشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چىڭسەي.