Chinese→Uyghur主要词典
垦田永世私财法
دۇنيا تارىخى
ئېچىلغان بوز يەر مەڭگۈ خۇسۇسىي مۈلۈك بولۇش قانۇنى
ياپونىيىدە نارانىڭ ئوتتۇرا دەۋرلىرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى. <ئۈچ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى> ئانچە ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن، مىلادى 743 - يىلى (تيەنپىڭنىڭ 15 يىلى) تېرىلغۇ يەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىپ، ئېچىلغان بوز يەرلەرنىڭ مەڭگۈ خۇسۇسىي مۈلۈك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان، بۇ قانۇند، بوز يەرنى ئېچىشتىن ئىلگىرى، ئۆزلەشتۈرۈلىدىغان رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈچ يىلغىچە ئېچىش، ئۈچ يىلغىچە ئاچمىسا، باشقىلارنىڭ ئېچىشىغا بېرىش بەلگىلەنگەن ھەمدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە بىر ئاقسۆڭەك 500 نىڭ (ياپونىيە ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى) بوز يەر ئېچىش بەلگىلەنگەن. ئەمەل دەرىجىسى قانچە تۆۋەن بولسا، چەكلىنىدىغان سان شۇنچە ئاز بولغان. پۇقرالارغا 10 تىڭ بوز يەر ئېچىش چەكلەپ بېرىلگەن. نەتىجىدە، تەسىر كۈچى بولغان ئاقسۆڭەكلەر، ئىبادەتخانىلار، ئىلاھىي جەمئىيەتلەر ۋە يەرلىك زومىگەرلەر بىرلىشىپ بوز يەر ئاچقان ھەمدە دېھقانلار ئاچقان يەرلەرنى سېتىۋېلىپ قورۇق قۇرغان. 765 - يىلى (تيەنپىڭ شىنخۇنىڭ بىرىنچى يىلى )بوز يەر ئېچىش مەنئىي قىلىنغان، لېكىن ئۇنى توسۇيالمىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئېچىشقا يول قويۇلغان، ئومۇم يېرىگە بولغان پۇقرالار مۈلۈكچىلىكى شۇنىڭ بىلەن بىتچىت بولغان.