Uyghur主要词典
كەمسىتمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمەك.
ماختىماق، داڭلىماق، داملىماق، شىيلىماق، كۆككە كۆتۈرمەك
ياخشى سۆزلەر بىلەن تەرىپلىمەك.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە. ماختىغان قىز مالىخايغا چىچىپتۇ. بەزىلەرنىڭ ماختىغىنى دادلىغىنىدىن يامان. ئالدىدا ماختاپ، كەينىدە دادلاپتۇ. داملىغىلى يات يەر ياخشى. ئېشەك قۇلىقىنى داڭلار. شىيلىغانغا شىر كۆنۈك. يارىمنىڭ تىللىغىنى - چىللىغىنى. تىللاش - داۋلى بىلمەيدىغانلارنىڭ داۋلىسى. شاراب ئىچكەندە سۆكۈپ، ھاراق ئىچكەندە سۆيۈپتۇ. ماختىغاننى كەمسىت، تىللىغاننى ماختا. پۇلى يوق تاللاشقا ئۇستا، سېتىقچى ماختاشقا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئانىي تېپىپ، كۆزگە ئىلماي خارلىماق، ئەزمەك.
ئىززەتلىمەك، ھۆرمەتلىمەك، باشتا كۆتۈرمەك، ئالقىنىدا كۆتۈرمەك
ئىززەتلىك - ھۆرمەتلىك ھېسابلاپ قەدىرلىمەك.
ئىززەتلىگەنگە تەزىم قىل. ھۆرمەتلىگەننى ھۆرمەتلە. كىشىنى خورلىغان ئاخىر ئۆزى خورلۇق تارتىدۇ. خورلىغانغا خار بولما. مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرىمىز. خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى باشتا كۆتۈرسەك ئەرزىيدۇ. بىز ئۇنى ئالقىنىمىزدا كۆتۈرىمىز، ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغانلار جازالىنىشى كېرەك. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى دەپسەندە قىلغانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تۆۋەن، پەست كۆرمەك؛ زاڭلىق قىلماق، مەسخىرە قىلماق.
- بالام، - دېدى ھەلىمە ئوغلىغا، - قىز بالا دېگەن ئاجىز نېمە، سەن ئۇنداق سىڭىللىرىڭنى كەمسىتمە!