Chinese→Uyghur主要词典
克洛起义
دۇنيا تارىخى
كروكان قوزغىلىڭى
ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا فرانسىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭچىلار ئاقسۆڭەكلەر بىلەن باجگېرلارنى <كروكان> (<چاشقان> مەنىسىدە) دەپ ئاتىغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. خۇگېنوتچىلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1562 - 1594) باج - سېلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى، ياللانما قوشۇننىڭ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن دېھقانلار كەينى - كەينىدىن ۋەيران بوۈلغان. قوزغىلاڭ 1592 - يىلى پارتلاپ، 1594 - 1596 - يىللىرى پۈتكۈل فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى ئورىۋالغان. قوزغىلاڭچىلار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورغانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، باجگىرلارنى ئۆلتۈرگەن. 1598 - يىلى فرانسىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅳ زورلۇق كۈچ ۋە بىرقىسم بىۋاستە باجنى كېمەيتىش ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلاپ تاشلىغان. 1636 - 1637 - يىللىرى، فرانسىيىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدا يەنە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. غەربىي قىسمىدىكى پېرىگورد ئۆلكىسى قوزغىلاڭنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. قوزغىلاڭچى دېھقانلار يەنە شەھەر خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن بىرنەچچە شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1643 - ۋە 1644 - يىللىرى ئىلگىر - كېيىن بولۇپ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي قىسمىدا يەنە يېڭى قوزغىلاڭ پارتلىغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭمۇ ئاخىرى باستۇرۋېتىلگەن.