Chinese→Uyghur主要词典
克里斯皮非常法
دۇنيا تارىخى
كرىسىپې پەۋقۇلئاددە پەرمانى
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىتالىيىدە سوتسىيالىستىك ھەرىكەتنى باستۇرۇش غەرىزىدە ئېلان قىلىنغان پەرمان. 1892 - يىلى ئىتالىيىدە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك مەتبۇئات، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەرىكىتى، ئىشچى ئسىتىمال ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى تېز راۋاجلانغان. مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ، بۇرژۇئازىيە ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئەكسىيەتچىللەشكەن. 1894 - يىلى كرىسپىي كابىنېتى پەۋقۇلئاددە قانۇن، يەنى <ئانارخىستلارغا قارشى پەرمان> چىقارغان. ئۇنىڭدا ئانارخىزمنى مەنئى قىلىشنى جاكارلاپ، بۇ ئارقىلىق بارلىق سوتسىيالىستىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان. مەملىكەت بويىچە 271 سوتسىيالىستىك تەشكىلات ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ سوتسىيالىستىك ئىدىيىگە بولغان خەيرخاھلىقىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغاپ، سوتسىيالىستىك ھەرىكەت تېز ئەۋج ئالغان.