Chinese→Uyghur主要词典
克里姆
دىن
kè lǐ mǔ
伊
ئىسلام دىنى
كەرىم، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل كەرىم
دۇنيا تارىخى
كېرىم
(1880 - ياكى 1882 - 1963. ماراكەشنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ يولباشچىسى. قەبىلە باشلىقى )قائىد( ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇدەررىس ۋە قازى بولغان. 1915 - يىلى جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. 1916 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1920 - يىلى ئاتىسىنىڭ قائىدلىقىغا ۋارسىلىق قىلغان. 1921 - يىلى رىف رايونى خەلقىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، رىف جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. ئىسپانىيە، فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىگە قارشى كۆپ يىل قاتتىق جەڭ قىلغان. 1926 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسگە تەسلىم بولۇپ، رىئونىئون ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1947 - يىلى چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان. كېيىن قاھىرەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇغان. 1948 - 1956 ـ يىللىرى مەغرىپ ئەرەبلىرى ئازادلىق كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان.