Chinese→Uyghur主要词典
克利盖
دۇنيا تارىخى
گرېگې
(1820 - 1850). گېرمانىيە <ھەقىقىي سوتسىيالىزم> چىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئاخباراتچى. 1845 - يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئادالەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، نيو - يوركتىكى <ھەقىقىي سوتسىيالىزم> چىلار گورۇھىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1846 - يىلى 1 - ئايدا <خەلق مۇنبىرى گېزىتى> ناملىق ھەپتىلىك گېزىت چىقىرىپ، كوممۇنىزم تەلىماتىنى بۇرمىلاپ، سىنىپتىن خالى <ئىنسانپەرۋەرلىك> ۋە <مېھرىبانلىق>نى سىنىپىي كۈرەش ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. پاترىئارخاللىق ئۇششاق يەر مۈلۈكچىلىكىنى غايىۋىلاشتۇرۇپ، يەنى تەڭ تەقسىم قىلىپ، ئۇششاق ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيىدىن قۇتقۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بىر مەزگىل شىمالىي ئامېرىكىدىكى مىللىي ئىسلاھاتچىلار بىلەن ئۆز ئارا بىرلىشىپ، <مەملىكەتلىك ئىسلاھات جەمئىيىتى>نى تەشكىللەپ، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلغان. يەرنى جامائەت مۈلكى سۈپىتىدە ھەربىر ئەمگەكچىگە ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بېرىپ، كاپىتالىزم ئېكسپىلاتاتسىيىدىن خالى، ھەممە ئادەم ئىناق ئۆتىدىغان <مېھرىبان يېزا - بازار> لارنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۆزىنىڭ <يەر ئازادلىقى> ھەرىكىتىنى بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ ئالىي مەقسىتى دەپ ئاتىۋېلىپ، ئۇنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىشى دەپ مۇبالىغا قىلىپ كۆرسەتكەن.