Uyghur主要词典
كەلگۈسى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھازىرقى ۋاقىتتىن كېيىن كېلىدىغان زامان، چاغ.
كېلەچكىنى ئويلىمىغان يامان كۈنگە قالار. ئادەمدە كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. ئەتە كىم بار، كىم يوق. ھەر ئادەم ئۆز ئىستىقبالىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئەرباب بىلەن ئويناشما، كېيىنلكىڭنى ئويلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كېلىدىغان كۈنلەر، زامانلار.
ئۆتمۈش
ئۆتكەن كۈنلەر، زامانلار.
ئۆتمۈشكە كۆزى يەتكەننىڭ كېلەچەككىمۇ كۆزى يېتەر. ئۆتمۈشۈڭگە تارتىشما، كەلگۈسىڭدىن ئۈمىد كۈت. ئۆتمۈشۈڭ ئەزرائىلغا تەۋە، كەلگۈسۈڭ ئۆزۈڭگە. كەلگۈسىدە نېمە بولارىڭنى بىلەي دېسەڭ، ئۆتمۈشۈڭنى ئويلاپ كۆر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كېلىدىغان زامان، بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر، ۋاقىت، چاغ؛ كېلەچەك.
قىزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىزنى ئويلاندۇرماي قويمايتتى.