Chinese→Uyghur主要词典
克雷连柯
دۇنيا تارىخى
كرىلېنكو
(1885 - 1938) سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدلىيە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى. پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات - تارىخ پاكۇلتېتى ۋە خاركوۋ ئۇنىۋېرسىتىتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1904 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1905 - يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە پېتىربۇرگ ۋە موسكۋادا پارتىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. <ئىسكرا> گېزىتى ۋە <ھەقىقەت> گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1619 - يىلى ئالدىنقى سەپتىكى روسىيە ئارمىيىسى ئىچىدە ئىنقىلابنى تەرغىپ قىلغان. فېۋرال ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن رىۋىزىيە كومىتېتى رەئىسلىكىگە سايلانغان. كېيىن پېتروگراد ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا پائال قاتناشقان. ئىنقىلابپ غەلىبىسىدىن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سوۋېت روسىيىسى قوراللىق كۈچىنىڭ ئالىي باش قوماندانى ۋە ھەربىي ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بولۇپ، دوخونېن ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچىلىرىنى يوقىتىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1931 - يىلدىن باشلاپ روسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى بولغان. 1936 - يىلىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدلىيە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومسسارى بولغان. ئۇنىڭ <لېنىن ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە جازا سىياسىتى ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.