Chinese→Uyghur主要词典
克拉林敦约章
دۇنيا تارىخى
كلارېنتون كېلىشىمى
1664 - يىلى 1 - ئايدا ئەنگلىيە فېئودال ئاقسۆڭەكلىرى كلارېنتون يىغىنىدا، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅱ مۇددىئاسىغا ئاساسەن ماقۇلىغان چېركاۋنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلەش قائىدە - نىزامى، جەمئىي 16 ماددىلىق. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى مۇنۇلار: كورۇلدىن ئىجازەتسىز مىسسىئونېرلارنىڭ پاپاغا ئەرز - شىكايەت قىلىشىغا يول قويماسلىق؛ چېركاۋنىڭ دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى دىندىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشكە يول قويماسلىق؛ كورۇلنىڭ ئېپىسكوپ سايلىمىدا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولۇش؛ مىسسىئونېرلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا پادىشاھلىق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ، جازا تارتىش؛ دىن بىلەن دەھرىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى يەر، قەرز ئىشلىرى قاتارلىقلارغا دائىر دەۋا ئەنزىلىرىنى پادىشاھلىق سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقىلار. كېنتېبېرىيە ئارخېئېپىسكوپى توماس بېكېت ۋە پاپا بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھېنرىخ Ⅱ دىندىن چىقىرىلىشتىن قورقۇپ مەزكۇر كېلىشىمنى يولغا قويالمىغان.