Chinese→Uyghur主要词典
克拉科夫起义
دۇنيا تارىخى
كراكوۋ قوزغىلىڭى
1846 - يىلى پولشا كراكوۋ خەلقىنىڭ ئاۋستىرىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1815 - يىلىدىكى ۋېنا يىغىنى كراكوۋنى ئەركىن شەھەر قىلىپ بەلگىلىگەن. 1846 - يىلى 2 - ئايدا ئاۋسترىيە قوشۇن چىقىرىپ كراكوۋنى بېسىۋېلىپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 20 - كۈنى كراكوۋدىكى ئىشچىلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار ئىنقىلابىي دېموكراتلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاۋسترىيەنىڭ كراكوۋدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. 22 - كۈنى پۈتكۈل شەھەرنى ئېلىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى ۋە تىسۋىسكى باشچىلىقىدىكى مىللىي ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ھاشار ۋە بارلىق فېئودال مەجبۇرىيەتلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى؛ دېھقانلارغا يەر تەقىسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى؛ قول سانائەتچىلەر ئۈچۈن دۆلەت زاۋۇتى تەسىس قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى؛ ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەممە ئىمتىيازلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى، ئىنقىلابىي سوت مەھكىمىسى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات بىلەن قارشىلاشقان ئاقسۆڭەكلەرنى باستۇرىدىغانلقىنى جاكارلىغان. بىراق قوزغىلاڭچىلار كۈرەش رايونىنى ۋاقتىدا كېڭەيتەلمىگەن. 3 - ئايدا ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشى بىلەن مەغلۇپ بولغان. بىرقانچە ئايدىن كېيىن كراكوۋ ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان.