Chinese→Uyghur主要词典
克莱顿反托拉斯法
دۇنيا تارىخى
كلايتوننىڭ ترېستكە قارشى قانۇنى
1914 - يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمتى تۈزگەن قانۇن. ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كلايتون يېزىپ چىققان. ئاساسىي مەزمونى: (1) سودا رىقابىتىدە باشقىلارنى چەتكە قېقىش خاراكتېرىدىكى توختام، خالىغانچە باھانى چۈشۈرۈش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاستىلەرنى قوللىنىشنى مەنئىي قىلىش؛ (2) كاپىتالى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بانكىلارنى مەنئىي قىلىش، سەرمايىسى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان قىتئەلەر ئارا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇدىر تەيىنلەش ھەرىكىتىنى مەنئىي قىلىش؛ (3) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى چەكلىمەسلىك؛ (4) ئەمگەكچىلەرنىڭ كاپىتالىستلارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلشتىن باشقا، سوت مەھكىمىلىرى خالىغانچە ئىش تاشلاشقا قارشى مەنئىي قىلىش بويرۇقى چىقارماسلىق؛ (5) ئىشچىلارنىڭ تىنچ ئىش تاشلاپ، تەرتىپ ساقلاش ۋە بايقۇت قىلىشىنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىش. بۇ قانۇندا شېرماننىڭ تىرېستكە قارشى قانۇنىدىكى مونوپول تەشكىلات ۋە ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتىگە نىسبەتەن مۇۋاپىق بولمىغان بەلگىلىمىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يولباشچىلىرى بۇنى <ئىشچىلار ئەركىنلىك خارتىيىسى> دەپ ئاتىۋالغان. بىراق، ماھىيەتتە ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىبارىسى بىلەن پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىستلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىش رولىنى ئويناپ كەلگەن.