Uyghur主要词典
كەكىساقال
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كەكە + ساقال
ئىسىم
ئېڭەك قىرى قىرىۋېتىلىپ، پەقەت زاڭاق قىسمىغىلا قىسقىراق قىلىپ قويۇلغان ساقال.
يۈسۈپ تەيجى پەي ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، شالاڭراق كەلگەن كەكىساقىلىنى سىلىدى.
شۇنداق ساقىلى بار كىشى.
- ھەي كەكىساقال، - دېدى بىر چېرىك ھاشىم ئاكىغا ۋارقىراپ، - سېنى دەۋاتىمەن، بۇ ياققا كەل!